«ئا» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئالدىرىماق

پېئىل ①بىرەر جايغا يېتىپ بېرىش ۋە بىرەر ئىشنى بېجىرىش ھەرىكىتىنى تېزلەشتۈرمەك؛ تېز يۈرمەك: ئۇ چىلىغان ناننىڭ يېرىمىنى يەپلا مەكتىپىگە ئالدىرىدى. ②توساتتىن يۈز بەرگەن ئىش-ھەرىكەت سەۋەبىدىن ھودۇقماق، ھاياجانلانماق، ئەنسىرىمەك: جېلىل بوۋاي بۇنى ئاڭلاپ گويا بىر ئىش يادىغا چۈشكەندەك ئالدىراپ بانكىغا كىردى.

ئاللىبىر

ئالماش [ئاللا+بىر] كىم ۋە نېمىلىكى نامەلۇم بولغان بىر، قانداقتۇر بىر: ئۇنىڭ جىددىيلەشكەن ئەسەبىيلىرى بىردىنلا بوشىشىپ، قۇلىقىغا ئاللىبىر سورۇنلاردىكى رومكىلارنىڭ جاراڭلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى.

ئالەمشۇمۇل

سۈپەت [ئەرەبچە+پارسچە] خەلقئارا ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان، ئەھمىيىتى ئىنتايىن چوڭ؛ جاھانشۇمۇل: تارىخىمىزدا ئالەمشۇمۇل داستانلارنىڭ ئالتۇن بەتلىرىگە پۈتۈلگەن قىز يىگىتلەر ئاز ئەمەس.