ئالىم ئەھەت

بويسۇنماق

پېئىل [بوي+سۇنماق] ①ئىتائەت قىلماق:-بىز سىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىڭىزغا بويسۇنىمىز،-دېدى مۇختار مەرگەن. ②تەن بەرمەك، ماسلاشماق، كۆنمەك: ئەمما غەيرەت مۇشۇ يەرنىڭ ئادىتىگە بويسۇنمىسا بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ ئىلاجسىز ئۇنى دوراپ سۇ ئېلىپ ئىچتى. ③ئەمەل قىلماق، رىئايە قىلماق: ئالاۋىدىن ئۇنىڭ گېپىگە بويسۇنۇپ ئورنىدىن تۇرۇپتۇ.

بويلىماق

پېئىل ①بويى ياكى ئۇزۇنلۇقى، ئېگىزلىكى يەتمەك، توغرا كەلمەك: ئۇ:-مەن دېمىدىممۇ، كەتمەن بويلىمىدى، سۇنىڭ تېرەنلىكى زادى ئىككى گەزدىن كەم ئەمەس،-دېدى. ②دەريا، يول قاتارلىقلارنىڭ ياقىسى، بويى بىلەن ماڭماق: ئۇ يان تەرەپتىكى ئانا ئېرىقنى بويلاپ كېتىۋاتاتتى. ③بويىنى سوزماق: قەپەسنىڭ ئىگىسى ئوتۇنچىغا:-ھە، نېمىشقا قەپەسنى بويلاپ قالدىڭ؟ ئوغرىمۇسەن؟ كەت نېرى!-دەپ ۋارقىراپتۇ.