ئالىم ئەھەت

بويۇن، بوينى

ئىسىم ①ئادەم ۋە ھايۋان گەۋدىسىنىڭ باش بىلەن تەننى بىرىكتۈرگۈچى قىسمى. ②قاپاق، چۆگۈن قاتارلىقلارنىڭ بېشى بىلەن قورسىقى ئارىلىقىدىكى ئىنچىكە قىسمى: ئاپتۇۋىنىڭ بوينى. قاپاقنىڭ بوينى. ③كۆچمە مەنىدىكى سۆز. ئۈست، زىممە: ئەھمەد ساۋابلىق ئۈچۈن توختىنىڭ بوينىدىكى قەرزنى ئېلىپ تاشلىۋەتتى. بويۇن تولغىماق باش تارتماق، نارازىلىق قىلماق.

بويۇنتۇرۇق

ئىسىم [بويۇن+تۇرۇق] ①قوش، جۇۋاز، تۇلۇق، ھارۋا قاتارلىقلارغا قېتىلىدىغان ئۆكۈزلەرنىڭ بوينىغا سېلىنىدىغان ئەگرى ياغاچ. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. جەبىر-جاپا، ئاسارەت، چەكلىمە: ئېزىلگۈچى مىللەتلەر جاھانگىرلىكنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن ئازاد بولىدۇ.

بويۇنتۇرۇقلۇق

سۈپەت ①بويۇنتۇرۇق سېلىنغان. ②بويۇنتۇرۇق قىلىشقا بولىدىغان، بويۇنتۇرۇق ئۈچۈن تەييارلانغان: بويۇنتۇرۇقلۇق ياغاچ. ③كۆچمە مەنىدىكى سۆز. ئاسارەتلىك، تۈرلۈك چەكلىمىلەر بىلەن بوغۇلغان.