ئالىم ئەھەت

بىئوگېنېتىكا

ئىسىم [رۇسچە] جانلىقلار (ئادەم، ھايۋانات ۋە تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەر) نىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى ۋە گېنىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىدىغان ھەم بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەلا سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئىلىم.

بىئولوگىيە

ئىسىم [رۇسچە] جانلىقلارنىڭ تۈزۈلۈشى، خىزمىتى، پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىيات قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇ زوئولوگىيە، بوتانىكا، مىكروبىئولوگىيە، پالېئونتولوگىيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.