ئالىم ئەھەت

بوۋاسىر

ئىسىم [ئەرەبچە] <تېبابەت> مەقئەت بىلەن تۈز ئۈچەينىڭ ئاخىرقى ئۇچلىرىدىكى كۆك تومۇر قان ئۇيۇپ قېلىش نەتىجىسىدە كېلىپ چىقىدىغان بىر خىل كېسەللىك، ئالامىتى: قىچىشىدۇ، قاتتىق قىزىرىدۇ، ئاغرىيدۇ، چوڭ تەرەت قان ئارىلاش كېلىدۇ.

بوۋاقلىق

①سۈپەت. بوۋاق بالىسى بار: توي قىلىپ بىر يىلدىلا بوۋاقلىق بولۇپ قاپسىلەر. ②ئىسىم. يېڭى تۇغۇلغان، ئېمىدىغان دەۋر: بوۋاقلىقىمدا تاغاملارنىڭ يېنىدا تۇرغانىكەنمەن. ③ئىسىم. بوۋاقلارغا خاس ھەرىكەت، قىلىق: بوۋاقلىقىڭنى تاشلا!