ئالىم ئەھەت

بىچارە

سۈپەت [پېئىل] ①چارىسىز، ئامالسىز، ئىلاجسىز: دادىسىنىڭ مۇبارەك يۈزىنى كۆرۈشكە نېسىپ بولمىغان بىچارە ئوغۇل راست غېرىب بولۇپ قالدى. ②ماددىي ئەھۋالى ئېغىر، موھتاجلىقتا، قىيىنچىلىقتا كۈن كەچۈرىدىغان، كەمبەغەل: بىراق، ئۇ ناھايىتى كەمبەغەل ئىكەن، كەمبەغەل بولغاندىمۇ ھېچ نەرسىسى يوق بىچارە ئىكەن. ③«بەختسىز«، «بىتەلەي» دېگەن مەنىدە، ئايانچ ۋە ئېچىنىشنى بىلدۈرىدۇ: ۋاي بىچارە.*يامان بوپتۇغۇ، بۇ بىچارە ئايالنىڭ پۈتۈن بەدىنى قانغا بويىلىپتۇ.

بىخ

[پارسچە] ①ئىسىم. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىز، غول ۋە شاخلىرىدىن يېڭى ئۆسۈپ چىققان قىسمى، تېرىلغان ئۇرۇقلاردىن چىققان ئۈندۈرمە: بىخ سۈرمەك. بىخ چىقارماق. ②سۈپەت <بىئولوگىيە> بىخ ھالەتتىكى، يېڭى: بىخ سپورا. ③ئىسىم. كۆچمە مەنىدىكى سۆز. مەيدانغا كەلگەن يېڭى يۈزلىنىش، خاھىش: بۇ زىددىيەت ھازىرقى زاماندىكى بارلىق توقۇنۇشلارنىڭ بىخلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.