ئالىم ئەھەت

بىداد

رەۋىش [پارسچە] <يېزىق تىلى> دادلانماي، ئەرز، شىكايەت قىلماي: دادام كونا جەمئىيەتتە تولىمۇ بىداد بولۇپ ھەممە دەرد-ئەلەملىرىنى ئىچىگە يۇتۇپ ئۆلگەنىكەن. بىز ئەقلىمىزگە كېلىپ ئاندىن بۇنى بىلدۇق.

بىدار

سۈپەت [پارسچە] <يېزىق تىلى> ①ئۇيقۇغا كەتمىگەن، ئۇيقۇسىز، ئويغاق: بىدار بولماق. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. ھوشيار، سەگەك، زېرەك: مەرىپەتنىڭ نۇرىمۇ ھۇۋقۇش ئۈچۈن جان قايغۇسى، مەرىپەتسىز دىلدا غەپلەت ھۇۋقۇشى بىداردۇر.