ئالىم ئەھەت

بىسمىللا

ئىسىم [ئەرەبچە] ①<دىن> قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ ۋە ئومۇمەن كونا كىتاب، كونا خەت-چەك قاتارلىقلارنىڭ باشلىنىش فورمۇسى. ②بىرەر ئىشقا كىرىشكەندە، خۇسۇسەن تاماق يېيىشتىن ئىلگىرى ئىشلىتىلىدىغان باشلىنىش سۆزى: بوۋاي «بىسمىللا» دەپ يولغا چۈشتى. ③كۆچمە مەنىدىكى سۆز. بىرەر ئىشنىڭ باشلىنىشى، مۇقەددىمىسى: تېخى سۆزۈمنىڭ بىسمىللاسىنى ئېيتماي تۇرۇپ، تېلېفون يەنە جىرىڭلاپ كەتتى.

بىسەرەمجان

رەۋىش [پارسچە] ①سەرەمجانلاشتۇرۇلمىغان؛ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تەرتىپسىز، رەتسىز: ئۆي ئىچى تولىمۇ بىسەرەمجانىدى. ②بىئارام، تەشۋىشلىك، خاتىرجەم ئەمەس: بىسەرەمجان بولماق. بىسەرەمجان قىلماق.*سىز مۇنداق يىغلىسىڭىز، ئۇنىڭ كۆڭلى بىسەرەمجان بولۇپ كېتىدۇ.