ئالىم ئەھەت

بىقارار

[پارسچە، ئەرەبچە] ①سۈپەت. بىر خىل تۇرمايدىغان، تۇراقسىز، ئۆزگىرىشچان: ئۇ پۈتۈنلەي بىقارار بىر ھالەتتە ئىدى. ②رەۋىش. بىر قارار، بىر پىكىرگە كېلەلمىگەن؛ قارارسىز، ئىككىلەنگەن: ئۇ تېخى بۇ ئىشتا بىقارار ئىدى. ③رەۋىش. كۈتۈپ تۇرالمايدىغان، ئىنتىزار، بىتاقەت: بۇ يىگىت مەلىكىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ دىدارىنى كۆرمەستىن ئاشىق بىقارار بولغانىكەن.

بىقىن

ئىسىم ①<ئاناتومىيە> گەۋدىنىڭ قولتۇقتىن يانپاش سۆڭىكىگىچە بولغان ئوڭ ۋە سول يان تەرىپى: ئوڭ بىقىن. سول بىقىن. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. بىرەر نەرسىنىڭ يان قىسمى، يان تەرىپى: ئانا ئاپتوبۇس ئىشىكىنىڭ بىقىنىدا سىقىلىپ تۇرۇۋالدى.