ئالىم ئەھەت

بىمەنە

سۈپەت [پارسچە+ئەرەبچە] ①مەنىسىز: بىمەنە سۆز. بىمەنە ئىبارە. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. قۇرۇق سەپسەتىدىن ئىبارەت بولغان، تېتىقسىز، بولمىغۇر، ئورۇنسىز: بىمەنە گەپ. ③ئەقىلغە سىغمايدىغان، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس؛ ئاساسسىز: ئادەملەر ئۇ يەر، بۇ يەردىن ئاڭلىغان بىمەنە خەۋەرلەرنى كۆتۈرۈپ يۈرەتتى. ④ئىنسانغا مۇناسىپ بولمىغان، ئەخلاقسىز، ئەرزىمەس، بولمىغۇر، يارىماس: بىمەنە قىلىق. بىمەنە ئىش. ⑤لەززىتى يوق، لەززەتسىز: ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا كېچە-كۈندۈز بىر خىل تۇرىدىغان، زېرىكەرلىك، بىمەنە تۇرمۇش مەنزىرىسى ئېچىلدى.

بىمەھەل

رەۋىش [پارسچە+ئەرەبچە] ①ۋاقتى كەلمەستىن، ۋاقىتسىز؛ بالدۇر: ئىشىكنىڭ بىمەھەل چېكىلىشى شەمەرنىڭ چۈشلۈك ئۇيقۇسىنى بۇزۇۋەتتى. ②تاسادىپىي، ئويلىمىغان يەردىن: ئۇ ئۆز سىرىنى بىمەھەل ئېيتىپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆزى ئەيىبلىمەكتە.

بىنا، بىناسى

[ئەرەبچە] ①ئىسىم. بىرقانچە بۆلمە ياكى كۆپ قەۋەتلەردىن تەركىب تاپقان چوڭ ئۆي؛ ئىمارەت: كۆپ قەۋەتلىك بىنا. ②سۈپەت. كۆچمە مەنىدىكى سۆز. بەرپا، پەيدا، مەۋجۇت: بىنا بولماق. بىنا قىلماق.

بىنائەن

تىركەلمە [ئەرەبچە] يۆنىلىش كېلىش بىلەن تۈرلەنگەن ئىسىملارنىڭ كەينىگە ياندىشىپ كېلىپ، «بويىچە»، «ئاساسەن» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ: بوۋاينىڭ ئىلتىماسىغا بىنائەن، كېلىن نان-چاي تەييارلىدى.

بىناۋا

سۈپەت [پارسچە] <يېزىق تىلى> ①كۈيلىمەيدىغان، ناخشا ئېيتمايدىغان: ھەمىشە مەن ناۋا قىلسام، يەنە «سەن بىناۋا» دەرلەر. ②بىچارە؛ بەختسىز؛ نائۈمىد: نېچۈك قىسمەتكى بۇ دوستلار، ئەجەب بەختى قارا بولدۇم، تۇغۇلغان ئۆز دىيارىمدا مۇساپىر، بىناۋا بولدۇم.