ئىسىم ①نەرسىلەرنىڭ تەرەپلىرىنىڭ كېسىشكەن جايى؛ ئۇچ: كارىۋاتنىڭ ئىككى تەرىپىگە بۇرجەكلىرى چوقچايتىپ چىقىرىلغان ئىككى ياستۇق تىزىلغانىدى. ②ئۆي، بىنا ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ تەرەپلىرى تۇتاشقان جايى؛ بۇلۇڭ: ئۇلار ئۆزلىرىگە ئارتۇقىنى قالدۇرۇپ ئون مىڭ تەڭگىنى ئۆينىڭ بۇرجەكلىرىگە كۆمۈپتۇ. ③كوچىلارنىڭ، يوللارنىڭ بۇرۇلغان، قايرىلغان جايى؛ دوقمۇش: كۈنلەرنىڭ بىرىدە دېھقان كوچىنىڭ بۇرجىكىدىن ئىلدام ئايلىنىپ كېتىۋاتسا، بىر ھۇرۇن ئۇچراپتۇ. ④چەت، يىراق جاي؛ بۇلۇڭ-پۇچقاق: يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەربىر بۇرجەكلىرىدىن تەبرىك خەتلىرى ئەۋەتىلگەنىدى.