ئالىم ئەھەت

بۇرغا

①ئىسىم <ماشىنىسازلىق> كانچىلىق، نېفىت، خىمىيە سانائىتى، گېئولوگىيىلىك قىدىرىش ۋە شۇ قاتارلىق ئىشلاردا قېزىش، كولاش، تېشىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكۈنە. ②ئىسىم. كالا، تاغ تېكىسى قاتارلىقلارنىڭ مۈڭگۈزىدىن ياسىلىدىغان، پۈۋلەپ چېلىنىدىغان، بىر خىل قەدىمىي چالغۇ ئەسۋابى.

بۇرما

①ئىسىم. ياغاچ ياكى قاتتىق نەرسىلەرگە تۆشۈك ئېچىشقا ئىشلىتىلىدىغان تۆمۈر ئەسۋاب؛ ئۈشكە: بۇرما بىلەن تۆشۈك تەشمەك. ②ئىسىم. دېتاللارنىڭ تاشقى ياكى ئىچكى يۈزىگە ئايلاندۇرۇپ چىقىرىلغان ئورام شەكىللىك چىش، رېزبا: بۇرما چىقارماق. ③سۈپەت. ئايلانما ھالەتتە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغان ياكى ئىلگىرىلەيدىغان: بۇرما شەكىلدىكى ھەرىكەت. ④سۈپەت. بۇراپ كىرگۈزۈلىدىغان: بۇرما مىخ.