ئالىم ئەھەت

بۇرىماق

پېئىل ①باشقا تەرەپكە قاراتماق، قايرىماق، ئەگمەك: ئادىل بېشىنى يېرىم بۇراپ قادىرغا بىر قاراپ قويدى. ②ئايلاندۇرماق، تولغىماق: سائەتنى بۇرىماق. گايكىنى بۇرىماق. ③ھەرىكەت يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتمەك: ئۇ ماشىنىنى ئوڭغا بۇراپ، ئۇچقاندەك ھەيدىدى. ④كۆچمە مەنىدىكى سۆز. يۆنەلدۈرمەك، قاراتماق: مەركىزىي كومىتېتنىڭ چاقىرىقى بويىچە خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشىغا بۇرىدۇق. ⑤كۆچمە مەنىدىكى سۆز. كۆچۈرمەك، يۆتكىمەك (گەپ-سۆزنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە): ئايالىم مېنىڭ راستتىن ئاچچقىلانغانلىقىمنى كۆرۈپ، گەپنى باشقا ياققا بۇرىدى.

بۇرۇت

ئىسىم ①ئادەملەرنىڭ بۇرنىنىڭ ئاستى ۋە يۇقىرىقى لېۋىنىڭ ئۈستىگە چىقىدىغان موي، تۈك. ②بەزى ھايۋانلارنىڭ ئۈستۈنكى تۇمشۇقىغا چىققان سېزىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان تۈك: مۈشۈكنىڭ بۇرۇتى. بېلىقنىڭ بۇرۇتى.

بۇرۇقتۇرما

سۈپەت ①كىشىنىڭ نەپىسىنى بوغىدىغان، دېمىنى سىقىدىغان؛ تىنچىق: ئۇنىڭ ئۆيدىكى بۇرۇقتۇرما سېسىقلىقتىن قىلچە كۆڭلى ئاينىمايتتى. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان، ئىچىنى پۇشۇرىدىغان، زېرىكتۈرىدىغان: مەن غەمكىن ۋە بۇرۇقتۇرما كۈن ئۆتكۈزۈشكە باشلىدىم.