ئالىم ئەھەت

بۇلدۇقلىماق

پېئىل ①«بۇلدۇق-بۇلدۇق» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «بۇلدۇق-بۇلدۇق» قىلماق: تۇرۇبىدىن ئېقىپ چىقىۋاتقان سۇنىڭ بۇلدۇقلىشى ئاڭلىناتتى. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. جۇش ئۇرماق، ئۇرغۇماق، دولقۇنلانماق: مەن كېلىمەن ساڭا بېقىپ تويماستىن، كۈلۈپ تۇرغان بەختىم بىلەن تويلىشىپ، ئىلھاملىرىم بۇلدۇقلايدۇ، قاينايدۇ، باغرىڭدىكى دولقۇن بىلەن قوغلىشىپ.