ئالىم ئەھەت

بۈركۈت

ئىسىم <زوئولوگىيە> قارچىغىسىمانلار ئائىلىسىدىكى چوڭ يىرتقۇچ ئوۋ قۇشى. ئۇنىڭ تۇمشۇقى ئىلمەك، بارماق تىرناقلىرى ئۇچلۇق، قانات پەيلىرى چوڭ، كۆزى ئىنتايىن ئۆتكۈر. كىشىلەر ئۇنى قولدا بېقىپ، جەرەن، كېيىك، تۈلكە قاتارلىق ھايۋانلارنى ئوۋلايدۇ.

بۈرگۈن

ئىسىم <بوتانىكا> مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىگە تەۋە بىر يىللىق، ئۆسۈملۈك. ئادەتتە 60 سانتىمېتىردىن بىر مېتىرغىچە ئۆسىدۇ، ئېگىزلىرى 2⑤2 مېتىر كېلىدۇ. گۈلى سېرىق بولىدۇ. ئۇرۇقى ئۆكتەبىردە پىشىدۇ. دورا ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ؛ ئىشتىھانى ئېچىش، كېسەللىك باكتېرىيىسىنى ئۆلتۈرۈش، يېغىر قاتارلىق تېرە كېسەللىرىنى داۋالاش رولى بار.

بۈرگە

ئىسىم <زوئولوگىيە> ھاشارات، قېنىق بېغىر رەڭ ياكى سېرىق قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ؛ تېنى كىچىك، پۇتلىرى ئۇزۇن، سەكرەشكە ماھىر كېلىدۇ؛ شوراش ئەزاسى بار، ئادەم ۋە سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ تېنىدە قان شوراپ پارازىت ياشايدۇ؛ چاشقان يارىسى ۋە قارا كېزىك قاتارلىق كېسەللىكلەرنى يۇقتۇرىدۇ.