ئالىم ئەھەت

بېكىتمەك

پېئىل ①مەھكەملىمەك، ئېچىلمايدىغان قىلماق: ئىشىكنى ئىچىدىن بېكىتمەك. ②ئورناتماق: دېرىزە بېكىتمەك. ئىشىككە تۇتقۇچ بېكىتمەك. ئۆيگە چىراغ بېكىتمەك. ③مۇزاكىرە قىلىپ مۇقىمدىماق، توختاتماق: تۈزۈم بېكىتمەك. ④بەلگىلىمەك، قارارلاشتۇرماق: پارتكوم ئۇنى ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا مەسئۇل قىلىپ بېكىتتى.

بېكىنمىچىلىك

ئىسىم. بىرەر دۆلەتنىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى چەتنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى يېڭىلىقلىرىنى قوبۇل قىلمايدىغان، ئۆزىنىڭكىنىمۇ سىرتقا چىقارمايدىغان بىر خىل بىر ئىزدا تۇرۇۋېلىش نۇقتىئىنەزىرى، ئىدىيىسى.