ئالىم ئەھەت

بېغىرلاتماق

«بېغىرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى: ئۇ كېچىچە يامغۇر ئارىلاش چىققان قاتتىق بوران دان تۇتۇۋاتقان بولۇق بۇغدايلارنى يەر بېغىرلىتىپ ياتقۇزۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، مول ھوسۇلدىن ئۈمىدسىزلەندى.

بېغىش

ئىسىم ①بىلەكنىڭ ئالىقان بىلەن تۇتىشىدىغان ئۈگىسى. ②ئۇستىخان ۋە غولنىڭ تۇتىشىپ تۇرىدىغان ھەربىر ئۈگىسى: ئۇلار ئۇخلىغان چاغدا تېنىنى بېغىش-بېغىشلىرىدىن چېپىپ پارچىلىۋەتسىمۇ ھەرگىز ئويغانمايدۇ. ③زىرائەتنىڭ ھەربىر بوغۇملىرىنىڭ تۇتىشىپ تۇرغان، مېۋىلەرنىڭ غولىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغان جايى: ھەر تاۋۇز، ھەر تاۋۇز، ھەر بېغىشتا بىر تاۋۇز. ④ئىسىم. تۈگمەننىڭ نۆۋىتىنى كۈتۈپ ئاپىرىپ قويىدىغان ئازراق ئاشلىق، ئۈگۈت: تۈگمىنىڭ تېگەر بولسا، بېغىشىڭنى قۇيدۇرما. ئاشىقىڭدىن سۆز ئالساڭ، دۈشمىنىڭگە تۇيدۇرما.

بېغىشلىما

ئىسىم. بىرەر پائالىيەت، ۋەقە، چوڭ قۇرۇلۇش، گېزىت-ژۇرناللارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە ئاتاپ ياكى تەبرىكلەپ يېزىلغان چاقىرىق، ئۈمىد ئىپادىلەنگەن كىرىش سۆز ياكى ھەر خىل قوليازما: يېڭى يىلغا بېغىشلىما.

بېغىشلىماق

پېئىل ①سەرپ قىلماق، تىكلىمەك، تەقدىم قىلماق، ئاتىماق: تۇردىئاخۇن ئاكا پۈتۈن ئۆمرىنى ئەلنەغمە، مۇزىكىچىلىق ۋە مۇقامچىلىق ئىشلىرى ئۈچۈن بېغىشلىغانىدى. ②بەخش ئەتمەك؛ بەرمەك؛ ئېلىپ كەلمەك: ھايات بېغىشلىماق.*دېرىزىدىن كىرگەن سالقىن شامال ھەبىبىگە راھەت بېغىشلىدى. ③ئاتاپ يازماق: مەن كلاسسىك شائىرلاردىن بىر نەچچىسىنىڭ گۈزەللەرگە بېغىشلىغان شېئىرلىرىنى ئوقۇپ بېرەي.

بېقىشماق

①«باقماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى: ئۇلار خۇشاللانغان ھالدا بىر-بىرىگە بېقىشتى. ②ياردەملەشمەك، ھەمكارلاشماق، قاراشماق: پەخرىدىن بىرقانچە ساۋاقداشلىرىنى باشلاپ كېلىپ، ياسىن ئاكامنىڭ كېۋەز چاغلىمىغا بېقىشتى.