ئالىم ئەھەت

بەتنىيەت

سۈپەت [پارسچە، ئەرەبچە] يامانلىقنى ئويلايدىغان، نىيىتى بۇزۇق، نىيىتى يامان: بەتنىيەتنىڭ يولى تار (ماقال).*دېھقاننىڭ كىچىك ئوغلىنىڭ خۇي-پەيلى ئەسكى، ئۆزى مەككار، ئالدامچى، بەتنىيەت ئىكەن.

بەجا

رەۋىش [پارسچە] <يېزىق تىلى> كۆپىنچە «كەلتۈرمەك، ئەيلىمەك» قاتارلىق پېئىللار بىلەن كېلىپ «جايىدا ئورۇنلىماق، ئىجرا قىلماق، ئەمەلگە ئاشۇرماق، ئادا قىلماق» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ: مەشۇر بۇ ۋەزىپىلەرنىڭ ھېچقايسىسىنى كېچىكتۈرمەي ۋاقتىدا بەجا كەلتۈردى.