ئالىم ئەھەت

بەختسىز

سۈپەت ①بەختى يوق، بەخت تاپمىغان، بەخت-سائادەتتىن يىراق، بەختى قارا، تەلەيسىز: بەختسىز ئادەم. // دىۋە بېلىقچىنى كۆرۈپ: ئەي بەختسىز، مەن سېنى ھازىر ئازابلاپ ئۆلتۈرىمەن!-دەپتۇ. ②كۆڭۈلسىز ھادىسىگە، بەختسىزلىككە يولۇققان؛ بىچارە: بەختسىز بالا.

بەختسىزلىك

ئىسىم ①بەختتىن مەھرۇملۇق، تەلەيسىزلىك: ئۇنىڭ بەختسىزلىكىگە مەن سەۋەبچى بولدۇم. ②بالا-قازا، پېشكەللىك، كۆڭۈلسىزلىك، كېلىشمەسلىك: ئامىنە:-بەختسىزلىككە يولۇقۇشتىن قورقىمەن-،دېدى يىغلامسىراپ.

بەختلىك

سۈپەت ①بەختى بار، بەختىيار؛ بەختكە ئېرىشكەن: سىز بىلەن تونۇشقانلىقىم بەختلىك ئىش بولدى، دېگەن ھېسسىياتقا كەلتۈردى. ②ئامەتلىك، تەلەيلىك: سەن مېنى ئۆستۈرۈپ قاتارغا قوشتۇڭ، بەختلىك ئوغلۇڭنىڭ بەختلىك ئانىسى سەن !

بەختى قارا

تۇرمۇشتا راۋاج تاپمىغان؛ بەختسىز، ئامەت، تەلىيى قاچقان؛ تەلەيسىز: ئاغىچا ئېيتۇر: «قىسمەت نېچۈك يېزىلدى، نە سەۋەبتىن قىلغان ۋەدە بۇزۇلدى، قانداق قىلىپ قولۇڭ ياردىن ئۈزۈلدى، بەختى قارا سەرگەرداننى نە ئەيلەدىڭ »

بەخىرامان

رەۋىش [پارسچە] غەم-ئەندىشىسىز، خاتىرجەم، بىمالال، بىخۇدۈك: بۇ چاغدا قولى باغلانغان شانىياز بەخىرامان ئولتۇرغان ئەسكەرنىڭ بېشىغا كەينىچە بىر كاللا قويۇپ، ئوڭدىسىغا چۈشۈردى.