ئالىم ئەھەت

بەگزادە

ئىسىم. بەگ، باي ئەمەلدارلارنىڭ بالىلىرى؛ بەگ نەسلى. ②ئىسىم <بوتانىكا> قوغۇننىڭ بىر تۈرى، ئۆزى كىچىك، ئۇزۇنچاقراق، شاپىقى نېپىز، سىرتى تۈكلۈك، بىر ئاز تىلىم-تىلىم، ئىچى قىزىل ۋە كۆكۈچ بولىدۇ؛ تەمى بەك تاتلىق.

بەگلىك

①ئىسىم. بەگلەرنىڭ ئورنى، ۋەزىپىسى؛ بەگلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشى، ئەمىلى: ئۇ دائىم «خوجاھاپىز بەگ-ئالدى-كەينىڭىزگە قاراپ ئىش قىلىڭ، بەگلىك كېتىدۇ، يۇرت قالىدۇ «دەيدىغان. ②سۈپەت. بەگ قارمىقىدىكى، بەگلەرگە ئاتالغان: بىزنىڭ يۇرتنى ئوتتۇز ئىككى بەگلىك دېيىشىدۇ.

بەل

ئىسىم ①<ئاناتومىيە> ئارقا ئومۇرتقىنىڭ تۆۋەنكى قىسمى؛ گەۋدىنىڭ كۆكرەك قاپقىسى بىلەن داس سۆڭەك ئۈستىدىكى ئارىلىقى. ②بىرەر نەرسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى، تەڭ ئوتتۇرىدىن بۆلۈنگەن جايى: ياغاچنىڭ بېلىدىن كەسمەك. ③كۆچمە مەنىدىكى سۆز. جىسمانىي ياكى ماددىي كۈچ: بېلى بوش. ④ئېگەرسىمان تۆپىلىكنىڭ پەسەيگەن جايى: ماشىنا كىچىك بىر بەلدىن ئېشىپ ئۆتتى. ⑤ئىسىم. ئەنجان تېمى سېلىشتا تامغا لاي ئېتىپ بېرىشكە ئىشلىتىدىغان ئوزۇن ياغاچ ساپلىق تۆمۈر سايمان، يۈزى ئادەمنىڭ ئىككى ئالىقىنىدەك چوڭلۇقتا بولىدۇ.

بەلچە

①ئىسىم. ئاياغ كىيىمنىڭ پاشنا ۋە چەم چۆرىسىنى تۈزلەپ سىلىقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تۇتقۇچلۇق تۆمۈر ئەسۋاب. ②ئىسىم. كۆكتات ۋە زىرائەت مايسىلىرى ئارىسىدىكى ئوت-چۆپلەرنى ئوتاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تۆمۈر ئەسۋاب؛ ئوتىغۇچ. ③ئىسىم. دىئالېكت. مەش ۋە ئوچاقتىن كۈل ئالىدىغان بەل گۈرجەك. ④ھارۋىنىڭ ئىككى شوتىسىغا ئورنىتىلغان، شوتىغا قېتىلغان ھايۋاننىڭ بېلىگە تارتىلىدىغان تاسما، بەلۋاغ.