ئالىم ئەھەت

بەلغەم

ئىسىم [ئەرەبچە] <تېبابەت> ئۆپكە ۋە نەپەس يوللىرىدىن ئاجرىلىپ چىققان شىلىمسىمان سۇيۇقلۇق بولۇپ، نورمال ئەھۋال ئاستىدا ئاجرىلىپ چىقىشى ئازراق بولىدۇ؛ ئۆپكە ياكى نەپەس يولى ياللۇغلانغاندا كۆپىيىدۇ.

بەلكى

باغلىغۇچى [پارسچە] ①بۇرۇلۇش مەنىسىدە كەلگەن جۈملە بىلەن جۈملىنى ۋە جۈملە بۆلەكلىرىنى باغلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ: ئۇنىڭ دادىسى ئوقۇتقۇچى ئەمەس، بەلكى ئىشچى. ②«ئېھتىمال» دېگەن مەنىدە يۈكلىمە رولىدا كېلىدۇ: بەلكى ئۇ مېنىڭ كەلگىنىمنى ئاڭلىمىغان بولسا كېرەك.