ئالىم ئەھەت

پىلانچانلىق

ئىسىم. پىلان بىلەن ئىش قىلىش ۋە شۇنداق ئىش قىلىدىغان ئادەت: پىلانچانلىقنى كۈچەيتىپ، بازارنى تەكشۈرۈش ۋە ئالدىن مۆلچەرلەش ئىشىنى كۈچەيتىپ، قارىسىغا ئىش قىلىشنى تۈگىتىشىمىز لازىم.

پىلانسىز

سۈپەت ①پىلان بىلەن ئىش قىلمايدىغان، پىلانى يوق: پىلانسىز ئادەم. پىلانسىز بالا. ②پىلانغا ئاساسلانمىغان، ئالدىن پىلان قىلمىغان: پىلانسىز ئىگىلىك. *پىلانسىز ئىش يوق ئىش (ماقال).

پىلانلاتماق

«پىلانلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى: سۇ ئامبارنىڭ قۇرۇلۇشىنى يولداش جۈمە تېخنىكلاغا پىلانلىتىپ، ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن بىرنەچچە يېزىلىق ھۆكۈمەتلەرگە تەقسىم قىلىپ بەرگەنىدى.

پىلپىل

ئىسىم [پارسچە] <بوتانىكا> قارىمۇچ ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق پېلەك غوللۇق ئۆسۈملۈك. مېۋە باشىقى تېبابەتچىلىكتە دورا قىلىنىپ، سوغۇقتىن بولغان قورساق ئاغرىش، قۇسۇش، ئىچ سۈرۈشنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

پىلپىلگۈل

ئىسىم [پىلپىل+گۈل] <بوتانىكا> پىياز ئائىلىسىدىكى كىچىك، كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. تەڭگىسىمان غولى دورا قىلىنىدۇ؛ ئىسسىقنى قايتۇرۇپ زەھەرنى تارقىتىش، ئىششىقنى ياندۇرۇپ، تۈگۈنچەكلەرنى تارقىتىش رولىغا ئىگە.