«پ» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

پاچاق

ئىسىم [پارسچە] ①پۇتنىڭ تىزدىن تۆۋەنكى قىسمى؛ شىراق: ئۇزۇن پاچاق ئايال. پاچىقىنى چاقماق. ②شىمنىڭ (ئىشتاننىڭ) تىزدىن پەستىكى قىسمى: ئىشتاننىڭ پاچىقى. پاچىقى تار ئىشتان. ③ئورۇندۇق، شىرە، كارىۋات قاتارلىق بۇيۇملارنىڭ يەرگە تايىنىپ تۇرىدىغان قىسمى: كارىۋاتنىڭ پاچىقى. شوتىنىڭ پاچىقى. ④رەۋىش. ئېزىلىپ، پۈكۈلۈپ سىنغان، پارچىلانغان، ئەبجەق: ئېيتتى بەگ: يۈرەيلى تېز تاشلاپ ئۇنى، قىيادىن دومىلاپ ئۆلسۇن بولۇپ پاچاق.

پاخپاق

سۈپەت ①تەرتىپسىز ئۆسۈپ كەتكەن، چۇۋۇق (چاچ، ساقال، يۇڭ ھەققىدە): پاخپاق چاچ. ②شاخ يوپۇرماقلىرى تەرتىپسىز، كىرىشىپ بۈككىدە يانغا ئۆسكەن: پاخپاق جىگدە. ③جىڭغا ئولتۇرمايدىغان، جىڭ باسمايدىغان؛ ئىچى بوش؛ يەڭگىل؛ پۇچەك: پاخپاق دان. ④نېپىز، يېلىڭ: پاخپاق كەمزۇل. پاخپاق چاپان. ⑤كۆچمە مەنىدىكى سۆز. ۋەزنى يوق، قۇرۇق پو (گەپ-سۆزلەر ھەققىدە): پاخپاق گەپ.

پاراللېزم

ئىسىم [رۇسچە] ①<ماتېماتىكا> توغرا سىزىقلارنىڭ ئۆزئارا پاراللېللىقى. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. ئوخشاش بىر ئىشنىڭ ئىككى كىشى ياكى ئىككى تەشكىلات تەرىپىدىن ئۆزئارا كېلىشمەستىن بىر ۋاقىتتا بېجىرىلىشى، تەكرارلىنىش.