ئالىم ئەھەت

پۇزا

ئىسىم ①ياغاچتىن ئىككى تەرىپى ئىنچىكە (تۇتقۇچلۇق)، ئوتتۇرىسى توم قىلىپ ياسالغان، مانتا، سامسىلارنىڭ جىلتىسىنى ئېچىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل سايمان. ②موزدۇزلارنىڭ ئاياغ كىيىمىنىڭ ئاپقۇت ۋە باشلىقىنى سۈرۈپ پارقىرىتىدىغان كىچىك ياغاچ سايمىنى.

پۇس

تەقلىدى ئاۋاز. يەل ۋە گاز ھالىتىدىكى جىسىملارنىڭ قاچىلانغان نەرسىنىڭ تۆشۈكىدىن مەلۇم بېسىم بىلەن سىرتقا ئېتىلىپ چىققاندا ھاسىل بولغان ئاۋاز: ھارۋا كامېرىنىڭ يېلى «پۇس» قىلىپ چىقىپ كەتتى.

پۇسكايتماق

«پۇسكايماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:-ئەيىب سىلىدە ئەمەس ئۇستام! ئەيىب ماۋۇ جۇۋىدا، جۇۋا سىلىنى قوي سۈرىتىدە قىلىپ پۇسكايتىپ كۆرسىتىپ قويمىغان بولسا، بىز ھەرگىز تاپالمايتتۇق،-دېدى ئۇ.