ئالىم ئەھەت

پۇنۇس

ئىسىم <بوتانىكا> پۇرچاق ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يۇمران مايسىسى ۋە يۇمران مېۋىسىنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ؛ ئۇرۇقىنى چاي ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ؛ پىشقان ئۇرۇقى دورا قىلىنىدۇ؛ ئۆتنى تازىلاش، ئىسسىق يەلنى ھەيدەش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، ئۈچەينى سىلىقلاش رولىغا ئىگە.

پۇڭ

①مىقدار سۆز [خەنزۇچە] يەر يۈزى ئۆلچەم بىرلىكى، كۆلىمى تەخمىنەن 66 كۋادرات مېتىرغا تەڭ بولىدۇ. ②مىقدار سۆز [خەنزۇچە] ئەڭ كىچىك پارچە پۇل بىرلىكى، بىر پۇڭ ئون لىغا تەڭ بولىدۇ. ئون پۇڭ بىر موچەن بولىدۇ.

پۇڭلۇق

①سۈپەت. كۆلىمى پۇڭغا باراۋەر كېلىدىغان، پۇڭ چوڭلۇقىدا: بۇ ئىككى پۇڭلۇق بۇغداي يېرى ئىدى. ②سۈپەت. پۇڭ قىممىتىدىكى، پۇڭغا تەڭ: ئىككى پۇڭلۇق پۇل. *ئۇ يانچۇقىدىن بىر دانە بەش پۇڭلۇق مېتال پۇلنى ئالدى.

پۈتكۈزمەك

①«پۈتمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى: بۇ سۆھبەت بولۇپ ئۈچ كۈن ئۆتمەيلا، سۇلايمان ئۆزىنىڭ ماقالىسىنى يېزىپ پۈتكۈزدى. ②«پۈتمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى: ناھايىتى خۇشال بولغان پادىشاھ لەشكىرى مىرزىنى ئالدىغا چاقىرتىپ تىلخەت پۈتكۈزۈپتۇ. ③«پۈتمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى: ئۇنىڭ بەرگەن دورىسى بۇرنۇمنى پۈتكۈزۈپ قويدى.

پۈتكۈزۈشمەك

①«پۈتكۈزمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى: قەدىرلەشتى مىنۇت-سېكۇنتنى، ئازايتىشچۈن ئۇلار زىياننى. غەلىبە قىلىپ بۇ نازۇك ئىشتا، پۈتكۈزۈشتى يېڭى داستاننى. ②«پۈتكۈزمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى. پۈتكۈزۈشمەك 3 «پۈتكۈزمەك 3» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.