ئالىم ئەھەت

ئازاد

سۈپەت [پارسچە] ①ئۆز ئەركىنلىكى، ھوقۇقى ئۆز قولىدا بولغان، ئەركىنلىككە ئېرىشكەن، قۇللۇقتىن، ئاسارەتتىن قۇتۇلغان؛ ھۆر، ئەركىن: ئازاد ۋەتەن. ئازاد زامان. ئازاد بولماق. ئازاد قىلماق. ②ئۆز ھالىغا، مەيلىگە قويۇلغان، ھېچقانداق مەجبۇرىيەت بىلەن باغلانمىغان؛ بوش: «ئون ئىككى مۇقام» ئۆزىنى مەلۇم ھېكايىلىق تارىخىي داستان ياكى قەھرىمانغا باغلاپ، چېتىپ قويىدىغان تارىخىي چەكلىمىدىن ئازاد.

ئاغمىچى

ئىسىم ①گېپىدە تۇرمايدىغان، ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان، مەيدانسىز، ئىرادىسىز ئادەم، ئىككى يۈزلىمىچى:-ئەمدى تېخىمۇ تۇتۇرۇقسىزلاشتىڭ، بىردەمدىلا ئىنقىلابچى، بىردەمدىلا ئاغمىچى!-دەپ ئاچچىقلاندى سۇلتان راخمانغا. ②باش يولدىن، تۈپ نىشاندىن چەتنىگەن، يۈز ئۆرۈگەن ئادەم: ئوڭ ئاغمىچى. ئوڭ ئاغمىچىلار گۇرۇھى.

ئازادلىق

ئىسىم ①ئازاد بولغان، ئازادلىققا ئېرىشكەن ھالەت؛ ھۆرلۈك، ئەركىنلىك: سوتسىيالىستىك جەمئىيەتتە ئاياللارنىڭ ئازادلىقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش ئەلۋەتتە جىنايەت بولىدۇ. ②مەملىكىتىمىزدە گومىنداڭ ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلۇپ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان ۋاقىت:-ئازادلىقتىن بۇرۇن نېمە ئىش قىلغاندىڭىز؟-دەپ سورىدى قۇربان شۇجى نامان تاغىدىن. ③كونا دىنىي مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇش ۋاقتى ئاخىرلىشىشىدىن بۇرۇن قويۇپ بېرىش.

ئاغمىخان

ئىسىم <زوئولوگىيە> بىر خىل سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. بەدىنى كىچىك، ئۇزۇنراق، پۇتلىرى قىسقا بولىدۇ؛ قۇيرۇقى بەدەن ئۇزۇنلۇقىنىڭ يېرىمىغا توغرا كېلىدۇ، رەڭگى ئاق ياكى سېرىق بولىدۇ.