بالىياتقۇ

ئىسىم [بالا+ياتقۇ] <ئاناتومىيە> ئاياللار ياكى سۈت ئەمگۈچى چىشى ھايۋانلارنىڭ تۆرەلمە يېتىلدۈرۈش ئەزاسى. شەكلى خالتىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇ دوۋساق بىلەن تۈز ئۈچەينىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئېغىزى جىنسىي يول بىلەن، ئاستىنىڭ ئىككى تەرىپى تۇخۇم توشۇش نەيچىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. تۇخۇمدان ئۇرۇقلانغاندىن كېيىن بالىياتقۇ ئىچىدە يېتىلىپ، تۆرەلمە بولۇپ شەكىللىنىدۇ.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *