باش

①ئىسىم. ئادەم بەدىنىنىڭ بويۇندىن يۇقىرى، ھايۋان بەدىنىنىڭ بويۇندىن ئالدىنقى يەنى كۆز، قۇلاق، ئېغىز، بۇرۇن قاتارلىق ئەزالار ئورۇنلاشقان قىسمى؛ كاللا: سوقا باش. گىلدىڭ باش. ②ئىسىم. تىك، ئۆرە نەرسىلەرنىڭ يۇقىرى تەرىپى؛ چوققىسى: تاغ بېشى. دەرەخ بېشى. تونۇر بېشى. ③ئىسىم. باشلىق، رەھبەر: ھوشۇر بەگ سەردارنى ئۇلارغا باش قىلىپ، ئىرولغا ماڭدۇردى. ④سۈپەت. بىرەر كەسىپ ياكى ساھەدە باشقىلارغا رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئورنى باشقىلاردىن يۇقىرى: باش كاتىپ. باش ئىنژېنېر. ⑤سۈپەت. ئەڭ مۇھىم، ئاساسىي: باش بۆلەك (گرامماتىكىدا). باش ۋەزىپە. ⑥ئىسىم. كۆچمە مەنىدىكى سۆز. مېڭە، ئەقىل، ھوش، زېھىن، كۆڭۈل: ئۇنىڭ بېشى جايىدا ئەمەس، بولمىسا ئاشۇنداق گەپ قىلامدۇ؟*بېشىڭ نەگە كەتتى ؟ ⑦ئىسىم. كۆچمە مەنىدىكى سۆز. كىشى، ئادەم، جان، ئۆز:-بېشىڭنى ئېلىپ بۇ يەردىن چىقىپ كەت، دەپتۇ ئايال ھاممال. ⑧رەۋىش. ئاۋۋال، بۇرۇن، دەسلەپ، ئىلگىرى: يارنىڭ ئۆيى باغراشتا، بەلگىسى قارا قاشتا. ئانچە مەيلىڭ بولمىسا، نېمىشقا ئوينىغان باشتا. ⑨سۈپەت. بىرىنچى: باش كۆۋرۈك. باش بارماق. ⑩مىقدار سۆز. ساناق سانلار بىلەن كېلىپ مىقدارنى بىلدۈرىدۇ: بىر باش پىياز. ئىككى باش چامغۇر. ئون باش قوناق. ⑪ئىسىم. ئەسىر، يىل، پەسىل، ئاي، كۈن، گەپ-سۆز قاتارلىقلار ياكى ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمى بىلەن ئۆلچىنىدىغان نەرسىلەرنىڭ باشلانغان جايى، قىسمى؛ يۇقىرى تەرىپى: يىلنىڭ بېشى. گەپنىڭ بېشى. ساينىڭ بېشى. دەريانىڭ بېشى. ⑫ئىسىم. بەزى زىرائەت ۋە كۆكتاتلارنىڭ كاللەك بولىدىغان مېۋىسى، ھوسۇلى، باشاق: باش تەرمەك. باش پىياز. ⑬ئىسىم. چاچ: باش ئاقارماق. باش چۈشۈرتمەك. ⑭ئىسىم. بەزى ئىسىملار بىلەن بىرىكىپ شۇ ئىسىم ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن نەرسىنى ياكى شۇ نەرسە ئورۇنلاشقان جاينى بىلدۈرىدۇ: ئېتىز بېشى. ئېرىق بېشى.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *