پېئىل ①يول يۈرمەك، دەسسىمەك، ماڭماق: ئەل باسمىغان يەردە كۆپ يۈرمە (ماقال). ②بىرەر نەرسىنىڭ ئۈستىگە، ئىچىگە باشقا نەرسىنى قاچىلىماق، جايلاشتۇرماق: ماشىنىغا ئوغۇت باسماق. ③يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتىپ كۈچ بىلەن نىقتىماق: ئاسىم ئۇنىڭ مۇرىسىدىن باستى. ④قاپلىماق، ئورىماق: ئايرىلغاننى قارا باسار، بۆلۈنگەننى بوران (ماقال).*ھاۋانى تۇمان باستى. ⑤نەشر قىلماق: مەن بولسام يازىمەن، ماۋۇ ئاغىنەم تۇردى بولسا كىتاب-ماقالە باسىدۇ. ⑥ئۈستۈن كەلمەك، ئارتىپ كەتمەك، ئېشىپ چۈشمەك: نەيگە تەڭكەش قىلىنغان بىر غېجەكنىڭ ئاۋازى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، ئۇنى نەينىڭ ئاۋازى بېسىپ كەتكەنىدى. ⑦ياقماق، تەگكۈزمەك: باغرىغا باسماق. ⑧بىرنەرسىنى ئىككىنچى بىرنەرسىنىڭ ئۈستىگە بېسىپ ئىز چىقارماق، تىكمەك: كەشتە باسماق. تامغا باسماق. ⑨پەسەيتمەك، تىنچىتماق، ھاي بەرمەك، يالتايماق: ئۆزىنى باسماق. ⑩ ئۇرماق: دەررىگە باسماق. ⑪ئۈستى ئۈستىگە قويماق، تەخلىمەك: چۆپ باسماق. ⑫كۆچمە مەنىدىكى سۆز. زورلۇق بىلەن مەنئى قىلماق، توسماق، تىنچىتماق: ئاممىنىڭ پىكرىنى باسماق. ⑬ئىسىم. ئۇششاق ئۇچار قاناتلارنى تۇتۇشتا ئىشلىتىلىدىغان قاپقان: باسماق قۇرماق. ⑭ئىسىم. تاسما بىلەن ئۈستىدىن باستۇرۇپ ئېتىدىغان پەس پاشنىلىق بىر خىل يازلىق ئاياغ كىيىم: ئۇ ياز كۈنلىرى دائىم پۇتىغا باسماق كىيىپ يۈرەتتى.
تۈرلەر
- ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
- ئۇيغۇر خەلق-ماقال تەمسىللىرى
- ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە ئاتالغۇلار لۇغىتى
- ئۇيغۇر دوكتورلىرى
- يازغۇچى-شائىرلار
- جەمئىيەتشۇناسلار
- ئۇيغۇرشۇناسلار
- ئىنسانشۇناسلار
- تەرجىمىھال
- رەسساملار
- مۇزىكانتلار
- خەتتاتلار
- دىن
- تارىخ
- سەنئەت
- ئەدەبىيات
- مەدەنىيەت
- يېمەك-ئىچمەك
- ماتېماتىكا
- جۇغراپىيە
- تېبابەت
- خېمىيە
- فىزىكا
دىيارىمىز
- ئۇيغۇر دىيارى
- ئۈرۈمچى شەھىرى
- قۇمۇل شەھىرى
- تۇرپان شەھىرى
- قاراماي شەھىرى
- قەشقەر ۋىلايىتى
- خوتەن ۋىلايىتى
- ئاقسۇ ۋىلايىتى
- ئالتاي ۋىلايىتى
- تارباغاتاي ۋىلايىتى
- قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى
- بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى
- بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى
- ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى
- سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى
- بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر











