باسقۇچ

ئىسىم ①پەلەمپەينىڭ ھەربىر پەللىسى: ئۇ پەلەمپەيدىن بىرقانچە باسقۇچ چۈشۈپ توختىدى. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. تەرەققىياتىنىڭ ھەربىر پەللىسى، دەۋر: ئىنقىلابىمىز ئىككى باسقۇچتىن ئۆتتى، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن ئۈچىنچى باسقۇچقا كىردى. <③گېئولوگىيە> بىرەر دۆلەت ياكى بىرەر چوڭراق رايون دائىرىسى ئىچىدىكى ئەسىردىن كىچىك بولغان گېئولوگىيىلىك ۋاقىت بىرلىكى. ④كۆچمە مەنىدىكى سۆز. دەرىجە: ئۇنىڭ كېسىلى خەتەرلىك باسقۇچقا كېلىپ قالدى. ⑤ئىسىم. تۆكۈلگەن سىياھنى سۈمۈرۈش، قۇرۇتۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سۈمۈرگۈچ قەغەز ئورنىتىلغان ئەسۋاب. ⑥ئىسىم. دىئالېكت. شوتا.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *