باي

①سۈپەت. ھېچ نەرسىگە موھتاجلىقى يوق؛ نۇرغۇن مال-دۇنياسى بار: باي مەملىكەت. باي ئادەم. ②سۈپەت. تەركىبىدە، ئىختىيارىدا، باغرىدا، ئىچىدە كېرەكلىك ۋە پايدىلىق نەرسىلەر كۆپ؛ مول، يېتەرلىك: يېرى باينىڭ ئېلى باي (ماقال). ③ئىسىم. مال-دۇنيا يىغقۇچى؛ دۆلەتمەن كىشى: باي بارنى بەرمەس، كەمبەغەل قاراپ تۇرماس (ماقال). ④ئىسىم. بايلارغا مۇراجىئەت قىلىشتا ياكى ئۇلار توغرىسىدا سۆز بولغاندا، ئۇلارنىڭ نامى ئورنىدا ياكى نامىغا قوشۇپ ئىشلىتىلىدۇ: دېدىم تۇرۇپ:-باي ئاكا، ئوغرى دەمسىز مېنى سىز؟ قوتاندىكى ئىزلارنى، قاراپ كۆرۈڭ قانداق ئىز. ⑤ئىسىم. ھۆرمەت يۈزىسىدىن كىشى نامىغا قوشۇپ ئىشلىتىلىدۇ ھەم كىشى ئىسمىنىڭ تەركىبىي قىسمىغا كىرىدۇ: ئەمەتباي. تاشباي. ⑥ئىسىم. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى بىر ناھىيىنىڭ ئىسمى.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *