بايان

[ئەرەبچە] ①ئىسىم. ۋەقە، ھادىسە، پىكىر ۋە مۇلاھىزىلەرنىڭ ئاغزاكى ياكى يازما ئىپادىسى؛ ئىزھار، چۈشەندۈرۈش: ئاغزاكى بايان. پىكىر بايان قىلماق. ②ئى <ئەدەبىيات> ئەدەبىي ئەسەرنىڭ سادىر بولۇۋاتقان ۋەقەلەر ھەمدە ۋەقەنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە ھېكايە قىلىنىۋاتقان قىسمى: بايان خاراكتېرلىك ماقالە. ③سۈپەت. خەۋەر تەرىقىسىدە ئىپادىلەنگەن، ئېيتىلغان: بايان جۈملە. ④ئىسىم [رۇسچە] <مۇزىكا> رۇسلارنىڭ ئوڭ قول مېلودىيىلىك تاۋۇش قىسىملىرىنى ئاھاڭغا كەلتۈرۈپ، سول تەرەپتىكى كلاۋىئاتورىنى تەڭكەش قىلىپ تۇرۇپ چالىدىغان چوڭ تىپتىكى يېرىم ئاۋازلىق گارمونى: بايان چالماق.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *