ئىسىم ①تونۇشلۇق بولۇش ۋە پەرقلىنىپ تۇرۇش ئۈچۈن شەكىللەندۈرۈلگەن نىشان، ئالامەت؛ تامغا. ②بىرەر مەنە، مەزمۇن ياكى مىقدارنى ئىپادىلىگۈچى گرافىك، ئالامەت، ئىشارە: سوراق بەلگىسى. تەڭلىك بەلگىسى. ③نەرسە، ۋەقە ھادىسىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيىتى، سۈپىتى: ئۇلارنىڭ بەلگىلىرى زادى قانداق بولىدۇ؟ ④<لوگىكا> ئوبيېكتنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشايدىغان ياكى بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدىغان خۇسۇسىيەتلىرى لوگىكىدا «بەلگە» دەپ ئاتىلىدۇ. ⑤ئىچكى ھېسسىيات، كەچۈرمىشلەرنىڭ، پسىخولوگىيىلىك ھالەتلەرنىڭ تاشقى ئالامىتى، ئەسىرى: ئايشەمنىڭ چىرايىدىن دەرد-ئەلەم بەلگىلىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ⑥دېرەك بېرىدىغان ئالامەت، نىشان: مەمەتنىڭ چىرايىدىكى سېرىقلىق-كېسەللىكنىڭ بەلگىسى. ⑦يەر ئۆلچەشتە ئىشلىتىدىلىغان ئاق ۋە قىزىل قىلىپ سىرلانغان ئالا كالتەك ياكى مەخسۇس ئۆلچەملىك سىزىقلار سېلىنغان ئۇزۇن تاختاي.
تۈرلەر
- ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
- ئۇيغۇر خەلق-ماقال تەمسىللىرى
- ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە ئاتالغۇلار لۇغىتى
- ئۇيغۇر دوكتورلىرى
- يازغۇچى-شائىرلار
- جەمئىيەتشۇناسلار
- ئۇيغۇرشۇناسلار
- ئىنسانشۇناسلار
- تەرجىمىھال
- رەسساملار
- مۇزىكانتلار
- خەتتاتلار
- دىن
- تارىخ
- سەنئەت
- ئەدەبىيات
- مەدەنىيەت
- يېمەك-ئىچمەك
- ماتېماتىكا
- جۇغراپىيە
- تېبابەت
- خېمىيە
- فىزىكا
دىيارىمىز
- ئۇيغۇر دىيارى
- ئۈرۈمچى شەھىرى
- قۇمۇل شەھىرى
- تۇرپان شەھىرى
- قاراماي شەھىرى
- قەشقەر ۋىلايىتى
- خوتەن ۋىلايىتى
- ئاقسۇ ۋىلايىتى
- ئالتاي ۋىلايىتى
- تارباغاتاي ۋىلايىتى
- قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى
- بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى
- بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى
- ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى
- سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى
- بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر











