بەند

[پارسچە] ①ئىسىم. بېكىتىلگەن، مىخلانغان جاي: چىن ئاشىقلار چاقار قەپەس بەندىنى، ئىشەنگىن ئەي قەمەرشاھ دەردىڭ تۈگەيدۇ. ②ئىسىم. باغلاق، سولاق، تۈگۈن، تۇزاق، قاپقان: يا بىر يامان دەردكە قالدى، ياكى ئۇنى بەندكە سالدى، يا زىندانغا سولاپ ئالدى، نە بولدى يارىم كەلمىدى. ③ئىسىم. ئەسىرلىك، تۇتقۇنلۇق ھالىتى: مەن پۇت-قولۇم ئازادە بولغىنى بىلەن قەلبىم بەند قىلىنغان، كىشەنلەنگەن ئادەممەن… ④سۈپەت. بىرەر ئىش بىلەن مەشغۇل، بوش ئەمەس: ئۇ جىددىي ئىش بىلەن بەند ئىدى. ⑤ئىسىم. بىرەر نەرسىگە بېرىلگەنلىك، مەپتۇنلۇق ياكى ئۇنىڭ تەسىرىگە ئېلىنغانلىق: تەسىرلىك ئىسكىرىپكا كۈيلىرى يەنىلا مېنى بەند قىلالمىدى. ⑥سۈپەت. باغلانغان، مۇپتىلا بولغان: ئەي جاپا دەستىدە سەرگەردان يىگىت، نەدىسەن، تۆھمەتكە بەند، قۇربان يىگىت؟ ⑦ئىسىم [پارسچە] <ئەدەبىيات> قاپىيە، رىتىم ۋە مەزمۇن جەھەتتىن ئۆزئارا باغلانغان شېئىرىي پارچە: بىر بەند شېئىر. ⑧ئىسىم [پارسچە] <مۇزىكا> مۇزىكا ئەسىرى ياكى ئۇلارنىڭ مەلۇم بىر قىسمى.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *