بوغۇلماق

①«بوغماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:-ئاغزى بوغۇلغان كالىدەك پۇشۇلداپ يۈرىسەنغۇ؟-دېدى ئابلەت تۇرغۇنغا. ②خىرىلداپ نەپەس ئالماق، ئاۋاز چىقىرىش تەسلەشمەك؛ بوغۇق ئاۋاز بىلەن سۆزلىمەك: ئۇ پات-پات بوغۇلۇپ يۆتىلەتتى ۋە خىرقىراپ نەپەس ئالاتتى. ③غەزىپىنى ئىچىگە يۇتماق: ئۇ تازا بوغۇلۇپ تۇرغاندا، بىردىنلا قومۇشلۇق ئىچىدىن بىر بېلىقچى كىچىككىنە قېيىقنى ھەيدەپ چىقىپ كەلدى. ④چىرمالماق، مۇپتىلا بولماق؛ پاتماق: قەرزگە بوغۇلماق.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *