بوتكا

ئىسىم [رۇسچە] ①ياغاچ، تاختاي ياكى قاڭالتىردىن ۋاقىتلىق ئىشلىتىشكە ياسالغان يۆتكەشكە بولىدىغان كىچىك ئۆي: تامنىڭ بىر چېتىدە قاراۋۇل بوتكىسى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ②كىچىك دۇكان: جۈرئەت گېزىت ساتىدىغان بوتكىدىن بىر نۇسخا «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» سېتىۋالدى. ③مېتېئورولوگىيە ئورۇنلىرىدا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان، پرىبورلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ساندۇق: بوتكا تېرمومېتىرى. بوتكا پسىخرومېتىرى.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *