بۇدۇشقاق

ئىسىم <بوتانىكا> مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىگە كىرىدىغان بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى ئۈچ بۇلۇڭلۇق؛ مېۋىسىنىڭ سىرتىدا تىكەنلىرى بار، ئۇرۇقى جۇڭگو تېبابەتچىلىكىدە دورا قىلىنىدۇ؛ ئىششىق قايتۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، ھۆللۈكنى ھەيدەش، يەل تارقىتىش رولى بار. ئۇنىڭدىن ماي ئېلىشقىمۇ بولىدۇ. ②سۈپەت. كۆچمە (ئادەملەرگە نىسبەتەن) ئاجرالمايدىغان، چاپلاشقاق: لۇتپۇللا كۆڭلىدە «بىر بۇدۇشقاق رودۇپايدىن ئازاد بوپتىمەن» دەپ ئىنتايىن خۇشال بولدى.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *