بۇدۇشقاقلىق

①سۈپەت. بۇدۇشقاق بار، بۇدۇشقاق ئۆسكەن: بۇدۇشقاقلىق يەر. بۇدۇشقاقلىق ئېتىز. ②ئىسىم. بۇدۇشقاق كۆپ ئۆسكەن جاي: بەڭۋاش قويلار سوپىتاينىڭ شۇنچە توسۇشلىرىغا قارىماي، ئۇدۇل بۇدۇشقاقلىققا قاراپ چېپىپ كېتىشتى. ③ئىسىم. ھە دېگەندە كىشىنىڭ كۆزىگە كىرىۋالىدىغان، يېپىشىۋالىدىغان بىر خىل قىلىق، يېپىشقاقلىق: تويغا جىددىي جابدۇنۇۋاتقان ياش ئايال، ئۆزىگە ئەگىشىپ يىغلاۋاتقان ئوغلىغا قاراپ:-بۇدۇشقاقلىقىڭ قاچانمۇ تۈگەر-ھە؟-دەپ كايىپ قويدى.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *