بۇيا

ئىسىم <بوتانىكا> پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. 30-80 سانتىمېتىر ئۆسىدۇ؛ پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنىدە قىسقا ۋە يۇمشاق ئاق تۈكچىلىرى بولىدۇ؛ غولى شاخلىنىپ تىك ئۆسىدۇ؛ يوپۇرمىقى سوقىچاق كېلىدۇ؛ قاسىراقلىق مېۋىسى تەسۋىسىمان بولىدۇ؛ ئۇرۇقى سارغۇچ، تەمى ئىنتايىن قېرىق؛ يىلتىزى تىك ئۆسىدۇ؛ تېبابەتچىلىكتە پۈتۈن چۆپى ۋە ئۇرۇقى دورا قىلىنىدۇ؛ تەبىئىتى سوغۇق، زەھەرلىك بولۇپ ھۆل ئىسسىقنى تارقىتىدۇ، ئاغرىقنى باسىدۇ، ھاشاراتلارنى ئۆلتۈرىدۇ.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *