پېئىل ①بىر يۈرۈش ياكى بىر پۈتۈن نەرسىنى پارچىلىماق، چۇۋۇماق، سۆكمەك، ئاغدۇرماق، ۋەيران قىلماق، كېرەكتىن چىقارماق: ئۆينى بۇزماق. ماشىنىنى بۇزماق. ②يوق قىلىۋەتمەك، يوقاتماق: ئۇ شىمىنىڭ قىرىنى بۇزماسلىق ئۈچۈن تىزىنى ئۈستىگە سەل تارتىپ ئاۋايلاپ ئولتۇردى. ③يارامسىز، لايىقسىز، سۈپەتسىز قىلىپ قويماق؛ ئەپلەشتۈرەلمەي قالماق: ئۇ تۇزنى تەڭشىيەلمەي، ئاشنى بۇزۇپ قويۇپتۇ. ④ھەقىقەتتىكىدىن، ئەسلىدىكىدىن باشقىچە قىلىپ ئىپادىلىمەك (گەپ-سۆز ھەققىدە): ئۇ يېتىپ كېلىپ نادەمنىڭ مەيدىسىگە نوقۇپ:-ما ياققا ماڭ، بىزنىڭ سەينى ئالىدۇ مەن پۇل بېرىدۇ،-دېدى ئۇيغۇر تىلىنى بۇزۇپ سۆزلەپ. ⑤مەۋجۇت ۋەزىيەتنى، كەيپىياتنى، ھالەتنى ئۆزگەرتمەك؛ دەخلى قىلماق: تىنچلىقنى بۇزماق. جىملىقنى بۇزماق. تەلەتىنى بۇزماق. ⑥ماس كەلمەي قالماق، نۇقسان يەتكۈزمەك: يېڭى سېلىنغان بىنالار ئارىسىدىكى بۇ قەدىمىي ئۆيلەر قورۇنىڭ يېڭىچە ھۆسنىنى بۇزۇپ تۇراتتى. ⑦بەربات قىلماق، بىكار قىلماق، يوققا چىقارماق: پىلاننى بۇزماق.*ئىشنى يەنىلا نۇرمۇھەممەت بۇزدى. ⑧رىئايە، ئەمەل قىلماي، خىلاپ ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانماق: قانۇننى بۇزماق، ۋەدىنى بۇزماق. ⑨سوغۇقچىلىق چۈشۈرۈپ يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلماق؛ يامانلاشتۇرماق، چاتاقلاشتۇرماق، ئايرىۋەتمەك: ئارىنى بۇزماق. ئائىلىنى بۇزماق.*يامان ھارۋا يول بۇزار، يامان ئادەم يۇرت بۇزار (ماقال).⑩ئەسلىدىكى چەكنى بۆسۈپ ئۆتمەك؛ ھالقىماق: رېكورتنى بۇزماق. ⑪روھىي جەھەتتىن چىرىتمەك؛ توغرا يولدىن ئازدۇرماق؛ ئاينىتماق: چاقنى بۇزغان خانىسى، قىزنى بۇزغان ئانىسى (ماقال). ⑫ئىپپەت-نومۇسىنى دەپسەندە قىلماق، ئىپپەت-نومۇسىغا تەگمەك، ئاياغ ئاستى قىلماق (قىزلار ھەققىدە): نامەتنىڭ پۇل بىلەن ياش قىزلارنى بۇزغانلىقى ھەققىدىكى ماتېرىيالغا ئاساسەن يېقىندا ساقچى ئىدارىسى ئۇنى قولغا ئالدى. ⑬بىھۇدە سەرپ قىلماق، ئىسراپ قىلماق، زايە قىلماق: پۇلنى بۇزماق.
تۈرلەر
- ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
- ئۇيغۇر خەلق-ماقال تەمسىللىرى
- ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە ئاتالغۇلار لۇغىتى
- ئۇيغۇر دوكتورلىرى
- يازغۇچى-شائىرلار
- جەمئىيەتشۇناسلار
- ئۇيغۇرشۇناسلار
- ئىنسانشۇناسلار
- تەرجىمىھال
- رەسساملار
- مۇزىكانتلار
- خەتتاتلار
- دىن
- تارىخ
- سەنئەت
- ئەدەبىيات
- مەدەنىيەت
- يېمەك-ئىچمەك
- ماتېماتىكا
- جۇغراپىيە
- تېبابەت
- خېمىيە
- فىزىكا
دىيارىمىز
- ئۇيغۇر دىيارى
- ئۈرۈمچى شەھىرى
- قۇمۇل شەھىرى
- تۇرپان شەھىرى
- قاراماي شەھىرى
- قەشقەر ۋىلايىتى
- خوتەن ۋىلايىتى
- ئاقسۇ ۋىلايىتى
- ئالتاي ۋىلايىتى
- تارباغاتاي ۋىلايىتى
- قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى
- بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى
- بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى
- ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى
- سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى
- بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر











