ب

بولدى

پېئىل ①«بولماق» پېئىلىنىڭ ئېنىق ئۆتكەن زامان 3- شەخس بىرلىك شەكلى: سائەت 21 بولدى. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. كۇپايە، يېتەرلىك:-ماڭا بىرەر نان بەرسەڭ بولدى. مېڭىۋېرىمەن،-دېدى يولۇچى شاھزادىغا. ③كۆچمە مەنىدىكى سۆز. بەس، توختا:-بولدى،-ئاسىم ئاكام ئەخەتنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋەتتى،-نېمە بولسا بولسۇن، ئەسكەرگە ماشىنىنى بېرىڭلار.

بويلىماق

پېئىل ①بويى ياكى ئۇزۇنلۇقى، ئېگىزلىكى يەتمەك، توغرا كەلمەك: ئۇ:-مەن دېمىدىممۇ، كەتمەن بويلىمىدى، سۇنىڭ تېرەنلىكى زادى ئىككى گەزدىن كەم ئەمەس،-دېدى. ②دەريا، يول قاتارلىقلارنىڭ ياقىسى، بويى بىلەن ماڭماق: ئۇ يان تەرەپتىكى ئانا ئېرىقنى بويلاپ كېتىۋاتاتتى. ③بويىنى سوزماق: قەپەسنىڭ ئىگىسى ئوتۇنچىغا:-ھە، نېمىشقا قەپەسنى بويلاپ قالدىڭ؟ ئوغرىمۇسەن؟ كەت نېرى!-دەپ ۋارقىراپتۇ.