ب

بېجىرىم

①سۈپەت. بۇزۇلمىغان، تازا، ساق: بېجىرىم قوغۇن. بېجىرىم چىنە. بېجىرىم ئەينەك. ②سۈپەت. باشقا نەرسە ئارىلاشمىغان؛ ئەينى، تەبىئىي، ساپ: بېجىرىم ئالتۇن. ③سۈپەت. نۇقسانسىز، ساغلام، پاك: بېجىرىم ئادەم. بېجىرىم يىگىت. ④رەۋىش. راۋۇرۇس، مەزمۇت: بوۋاي، ھاكىمنىڭ گېپىنىمۇ كۈتمەستىن، ياش يىگىتلەردەك يەرنى بېجىرىم دەسسەپ ئاشخانىدىن چىقىپ كەتتى.

بېرى

①رەۋىش. سۆزلەۋاتقان كىشى، سۆز بولۇۋاتقان ۋاقىت ياكى ئورۇنغا يېقىن: بېرى كەلگىن! بېرى ئولتۇرۇڭ! ②تىركەلمە. (چىقىش كېلىش قوشۇمچىسى » دىن،-تىن» بىلەن كەلگەندە) بەلگىلىك پەيت، «-دىن باشلاپ، داۋامىدا، مابەينىدە، بۇيان، تارتىپ، ئېتىبارەن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ: ئۇزۇندىن بېرى.

بېسىلغاق

ئىسىم <بوتانىكا> كرېسىت گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇرۇقى توخۇمسىمان، تېبابەتچىلىكتە يەر ئۈستىدىكى قىسمى ۋە ئۇرۇقى دورا قىلىنىدۇ. ئۇ جىگەرنى ياخشىلاپ كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، تال ۋە ئاشقازاننى تولۇقلاش، قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇش رولىغا ئىگە.