①ئىسىم. بۆلۈنگەن نەرسىنىڭ بىر قىسمى؛ پارچىسى: ناننىڭ بىر بۆلىكى. سوپۇننىڭ بىر بۆلىكى. ②ئىسىم. تەشكىل قىلغان ياكى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىسمى؛ تەركىبىي قىسمى: جۈملە بۆلەكلىرى. ماقالىنىڭ بۆلىكى. ③تىر. باشقا، ئۆزگە: ئۇنىڭ قەلبىگە ھازىر يەنىلا زۇلالدىن بۆلەك ھېچكىم سىغمايتتى. ④سۈپەت. باشقىلاردىن پەرق قىلىدىغان، ئالاھىدە، باشقىچە: جايتېرەك، پەيزىڭ بۆلەك، ياشنار سېنى كۆرگەن يۈرەك. ⑤سۈپەت. ئۆزئالدىغا مۇستەقىل، ئالاھىدە، ئايرىم: بۆلەك چىقارماق. ئۆيىنى بۆلەك قىلماق.*ئۇلارنىڭ روزىغارى بۆلەك. ⑥رەۋىش. باشقىدىن، قايتىدىن:-ھەرقانداق ئىش بىر نۆۋەتتىلا ئەپلىشىپ بېرىۋەرمەيدۇ. قايتا ياساپ، بۆلەك سىناپ كۆرمەيمىزمۇ؟ دېدى ئادىل.