ب

بۇيرۇتما

①ئىسىم. بىرەر نەرسە ئىشلەپ بېرىش ياكى ياساپ بېرىش ھەققىدە بېرىلگەن تاپشۇرۇق، زاكاز: كارخانىمىزدا ھۆددىگە ئېلىنغان بۇيرۇتمىلار، كەينىگە سۈرۈلۈپ كېتىۋاتىدۇ. ②سۈپەت. ياساش، ئىشلەپ بېرىش ئۈچۈن تاپشۇرۇلغان، زاكاز قىلىنغان: بۇيرۇتما كىيىم. بۇيرۇتما ئىشكاپ.

بۈرگە

ئىسىم <زوئولوگىيە> ھاشارات، قېنىق بېغىر رەڭ ياكى سېرىق قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ؛ تېنى كىچىك، پۇتلىرى ئۇزۇن، سەكرەشكە ماھىر كېلىدۇ؛ شوراش ئەزاسى بار، ئادەم ۋە سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ تېنىدە قان شوراپ پارازىت ياشايدۇ؛ چاشقان يارىسى ۋە قارا كېزىك قاتارلىق كېسەللىكلەرنى يۇقتۇرىدۇ.

بېغىرلاتماق

«بېغىرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى: ئۇ كېچىچە يامغۇر ئارىلاش چىققان قاتتىق بوران دان تۇتۇۋاتقان بولۇق بۇغدايلارنى يەر بېغىرلىتىپ ياتقۇزۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، مول ھوسۇلدىن ئۈمىدسىزلەندى.