ب

بەرقارار

سۈپەت [پارسچە+ئەرەبچە] ①قارار تاپقان، قەتئىي، ئۈزۈل-كېسىل: قەدرىگە يەتمەك ئۈچۈن قىينال ئۇنىڭ دەردىدە، بەرقارار تۇر بىر ئۆمۈر بەخش ئەيلىگەن ئەھدىدە سەن! ②مۇستەھكەم، تۇرغۇن، مۇقىم: تارازا بولمىغۇنچە ھەق ۋە ناھەق ئاشكارا بولماس، تارازا يۇلتۇزسىز كۆكتە تەڭپۇڭ بەرقارار بولماس.

بەرىكەتلىك

سۈپەت ①بەرىكىتى بار، بەرىكەت قىلىدىغان؛ ئېشىپ-تېشىپ تۇرىدىغان: بەرىكەتلىك داستىخان. ②ئاز بولسىمۇ، كۆپكە توغرا كېلىدىغان؛ كۆپكە تېتىيدىغان؛ ئاينىشلىق: ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈن ئايدەك، ئاي يىلدەك بەرىكەتلىك بولۇپ تۇيۇلۇپتۇ. ③پايدىلىق، مەھسۇلاتلىق، نەتىجىلىك، ئۈنۈملۈك، ھوسۇللۇق: زەرەپشان بويلىرى بەرىكەتلىك كۈز ئايلىرى كېلىشى بىلەن تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كېتىدۇ.

بەس

ئىسىم [ئەرەبچە] ①بىرەر مەسىلە ھەققىدىكى تالاش-تارتىش؛ رىقابەت، مۇنازىرە: بەس تالاشماق. بەس قىلماق. ②بىر-بىرىگە نىسبەتەن ھەركىم پىكرىدە تۇرۇش، ئۆز پىكرىنى باراۋەر، ئوخشاش ئورۇنغا قويۇش: بەس كەلمەك. ③ئىملىق سۆز [پارسچە] «بولدى، يېتەر، يېتەرلىك؛ قوي، توختات» مەنىسىدىكى ئۈندەش رولىدا كېلىدۇ:-بەس! بولدى، بۇ يەر قالايمىقان تاكاللىشىدىغان ئورۇن ئەمەس! دېدى سودىيە قۇلان ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ.

بەل

ئىسىم ①<ئاناتومىيە> ئارقا ئومۇرتقىنىڭ تۆۋەنكى قىسمى؛ گەۋدىنىڭ كۆكرەك قاپقىسى بىلەن داس سۆڭەك ئۈستىدىكى ئارىلىقى. ②بىرەر نەرسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى، تەڭ ئوتتۇرىدىن بۆلۈنگەن جايى: ياغاچنىڭ بېلىدىن كەسمەك. ③كۆچمە مەنىدىكى سۆز. جىسمانىي ياكى ماددىي كۈچ: بېلى بوش. ④ئېگەرسىمان تۆپىلىكنىڭ پەسەيگەن جايى: ماشىنا كىچىك بىر بەلدىن ئېشىپ ئۆتتى. ⑤ئىسىم. ئەنجان تېمى سېلىشتا تامغا لاي ئېتىپ بېرىشكە ئىشلىتىدىغان ئوزۇن ياغاچ ساپلىق تۆمۈر سايمان، يۈزى ئادەمنىڭ ئىككى ئالىقىنىدەك چوڭلۇقتا بولىدۇ.