ب

بىتەرەپچىلىك

ئىسىم. ئۆز دۆلىتىنىڭ سىياسىي مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ پۈتۈنلۈكىنى ساقلاشنى؛ ھەرقانداق ھەربىي گۇرۇھقا قاتناشماسلىق، ئۆز زېمىنىنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي بازىسىغا ئايلاندۇرماسلىق، ھەرقانداق دۆلەت بىلەن دۈشمەنلەشمەسلىكنى كۆزدە تۇتىدىغان ۋە شۇنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىر خىل دىپلوماتىك بەلگىلىمە؛ قارارنامە.

بىر باشتىن

①باشلىنىدىغان جايىدىن: تەھرىر ئالدىغا تىزىلغان ماقالىلارنى بىر باشتىن كۆرۈپ تۈزىتىشكە كىرىشتى. ②بىر تەرەپتىن، بىر ياقتىن، تەرتىپى بىلەن: ئاپتوبۇس ئالدىغا توپلانغانلار بىر باشتىن كىرىشكە باشلىدى.