ب

بالا، بالاسى

ئىسىم. ①[ئەرەبچە] ئىسىم. باشقا كەلگەن ئاپەت؛ پالاكەت؛ خەۋپ-خەتەر: ئۆزۈم تاپقان بالاغا، نەگە باراي داۋاغا (ماقال). ②ئاپەت، خەۋپنىڭ سەۋەبى؛ ئىللىتى: بىر بالاسى بولمىسا، قۇيرۇق ياتامدۇ تاشتا (ماقال). ③سۈپەت. قولىدىن ھەممە ئىش كېلىدىغان؛ ئۇستا، چېۋەر، ماھىر: قاسىم دوستىنىڭ دولىسىغا قېقىپ تۇرۇپ:-سۆزگە بالا نېمە ئىكەنسەن،-دەپ ماختاپ قويدى. ④ئىسىم. ناھايىتىزور، ھېچ نەرسە كار قىلمايدىغان نەرسە. ⑤[پارسچە] <بىناكارلىق> ئۆينىڭ ئۈستىنى يېپىشتا سىنجى ياغاچ ئۈستىگە توغرىسىغا قويۇلىدىغان ۋە ئۈستىگە ۋاسا ئورنىتىلىدىغان ياغاچ؛ جەگە.

بالايىبەتتەر

ئىسىم [بالا+يى+بەتتەر] ناھايىتى يامان ۋە زىيىنى ئىنتايىن زور بولىدىغان بالايىئاپەت: ھالۋىنى ھېكىم يېسە، تاياقنى يېتىم دېگەندەك، كونا جەمئىيەتتە بالايىبەتتەر خەلقنىڭ بېشىغا چۈشەتتى.

بالىمان

ئىسىم <مۇزىكا> ئۇيغۇرلارنىڭ بىر خىل يەللىك مۇزىكا ئەسۋابى، ئۇ قۇرغاق يەردە ئۆسكەن قومۇشتىن ياسىلىدۇ، سەككىز تۆشۈكلۈك، ئاۋازى يۇمشاق چىقىدۇ، ئاساسەن كلاسسىك مۇزىكىلارنى ئورۇنلاشتا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى نەيگە ئوخشاپ كېتىدۇ.

بايراقچە

ئىسىم ①كىچىك بايراق. ②خەرىتە ياكى دىئاگراممىلارغا، بايراققا ئوخشىتىپ سىزىلغان ياكى قادالغان كىچىك بەلگە: تامغا ئېسىلغان ئۆلكە خەرىتىسىگە قىزىل ۋە قارا بايراقچىلار قاداپ قويۇلغانىدى.

باڭ

ئىسىم ①[خەنزۇچە] ئېلان قىلىنغان تىزىملىك. ②[خەنزۇچە] يازما چوڭ خەتلىك ئېلان. ③[خەنزۇچە] جان ت. قاداق. ④[پارسچە] يېرىم مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قۇرۇق ياغاچتىن ئىچى كاۋاك قىلىپ ئويۇلغان، چوڭ ئىككى چوكا بىلەن ئۇرۇلىدىغان يەرلىك ياغاچ ناغرا: باڭ چالماق.