ب

بامبۇك

ئىسىم [رۇسچە<فرانسۇزچە] <بوتانىكا> باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق ئۆسۈملۈك. دائىم كۆكىرىپ تۇرىدۇ؛ غولى سىلىندىر شەكلىدە، ئوتتۇرىسى كاۋاك ۋە بوغۇملۇق كېلىدۇ؛ يوپۇرمىقىدا پاراللېل كەتكەن تومۇرلىرى بولىدۇ. غولىنى قۇرۇلۇشلارغا، جابدۇق ياساشقا ئىشلىتىشكە، نوتىسىنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

بايقىماق

پېئىل ①كۆرمەك، كۆزەتمەك: سىز ماۋۇ تاشنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ، مەن بايقاپ كېلەي. ②ھېس قىلماق؛ ئاڭقارماق؛ سەزمەك؛ بىلمەك: شۇ چاغ جەڭچىلەر دۈشمەنلەرنىڭ قاراۋۇلخانىغا قاراپ چېكىنگەنلىكىنى بايقىدى. ③ئېھتىيات قىلماق، پەخەس بولماق، دىققەت قىلماق؛ ئويلىماق: بايقاپ سۆزلىمەك. بايقاپ ماڭماق.

برېزېنت

ئىسىم [ر<گوللانچە] سۇ ئۆتكۈزمەيدىغان، كەندىر ياكى پاختا تالاسىنى پىششىقلاش ئارقىلىق توقۇلغان قېلىن بىر خىل ماتا. كۆپىنچە بىر نەرسىلەرنىڭ ئۈستىگە يېپىش ياكى ئاشلىق قاچىلايدىغان قاپ-تاغار تەييارلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.