ب

بۇرۇن، بۇرنى

①رەۋىش. ئىلگىرى، ئىلگىرىكى چاغلاردا: بۇرۇن بىر يېزىدا ئوبۇل دېگەن بىر كىشى بار ئىكەن. ②رەۋىش. ۋەقە، ھادىسە ياكى شۇ ھەقتە سۆز بولۇۋاتقان پەيتتىن ئالدىن، بالدۇر: تويغا بارساڭ بۇرۇن بار، بۇرۇن بارساڭ ئورۇن بار (ماقال). ③ئىسىم. ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ پۇراش، نەپەسلىنىش ئەزاسى: بۇرنى چوڭ. بۇرنى قانىماق. ④ئىسىم. قوغۇن، تاۋۇز قاتارلىق مېۋىلەرنىڭ ساپىقى ئورۇنلاشقان يېرىنىڭ قارشى تەرىپى: قوغۇننىڭ بۇرنى.

بۇزۇن

ئىسىم <بوتانىكا> ئۈچقات ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال. كىچىك يوپۇرماقلىرى بەش تال بولۇپ، سوقىچاق كېلىدۇ؛ گۈلنىڭ رەڭگى سارغۇچ ياكى ئاقۇچ يېشىل مېۋىسى شىرنىلىك، رەڭگى توق قىزىل ۋە شارسىمان كېلىدۇ؛ يىلتىز پوستى ۋە يۇمران شېخى دورا قىلىنىدۇ، پەينى بوشىتىش، قاننى جانلاندۇرۇش، رېماتىزمنى داۋالاش رولى بار.

بۇغدايلىق

①ئىسىم. بۇغداي تېرىلغان ياكى ئۆسكەن ئېتىز: بۇغدايلىقنى ئارىلىماق. ②سۈپەت. بۇغدىيى بار، بۇغدايغا ئىگە: تراكتورلار يول سالدى، سالا ئېتىز باغرىغا. بۇغدايلىق بولۇپ قالدۇق، تويمىغانلار زاغرىغا.