ب

بېشارەت

ئىسىم [ئەرەبچە] <يېزىق تىلى> ①ئالدىن بېرىلگەن خەۋەر، بەلگە، ئۇچۇر: قارنىڭ مۇنداق كۆپ ياغقىنى مول ھوسۇلنىڭ بېشارىتى ②ئىپادە، ئىنكاس، ئىشارەت: باشلىقنىڭ سۆزىدىن ئۇ ئاللىقانداق بىر ھېكىمەتنىڭ بېشارىتىنى سەزگەنىدى.

بېقىشماق

①«باقماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى: ئۇلار خۇشاللانغان ھالدا بىر-بىرىگە بېقىشتى. ②ياردەملەشمەك، ھەمكارلاشماق، قاراشماق: پەخرىدىن بىرقانچە ساۋاقداشلىرىنى باشلاپ كېلىپ، ياسىن ئاكامنىڭ كېۋەز چاغلىمىغا بېقىشتى.

بېلەتلىك

①سۈپەت. بېلىتى بار، بېلەت ئالغان: بۇ كىنوغا بېلەتلىك ئادەملەرلا كىرەلەيتتى. ②سۈپەت. بېلەتتىن پايدىلىنىپ ئېلىشقا بولىدىغان، بېلەت لازىم قىلىنىدىغان: بېلەتلىك تاماق. بېلەتلىك شېكەر.

بەتلەكلىك

سۈپەت ①بەتلەپ قويغان، ئوق بېسىلىپ ئېتىشقا تەييارلانغان؛ بەتلەنگەن، ئوقلانغان: پارتىزان باشلىقى ئوق بەتلەكلىك مىلتىقنى دىلبەرنىڭ قولىغا بەردى. ②قارىغا ئېلىنغان، قارىتىلغان، توغرىلانغان: ساڭا بەتلەكلىك تۇرغان يۈز مىڭلىغان قىساس ئىستوۋۇللىرىنى ئەڭ ئالدىن سېزىدىغانسەن؟